 |
歌手:AbduwaliTohti |
所属专辑:Ligir Ligir |
发行时间:2020.05.02 |
发行公司: |
作词 : Turapjan Hapiz
作曲 : Turapjan Hapiz
编曲 : AbduwaliTohti
ئۇيان ئۆتۈپ بۇيان ئۆتۈپ،
خىياللىرىمنى ئالدىڭىز.
قىيا بىقىپ ماڭا يېقىپ،
يۈرەككە ئوتىنى سالدىڭىز
قانداق قىلاي قانداق قىلاي،
چىدالمىدىم كۆيدۈردىڭىز.
داۋاسىنى سىزدىن سوراي،
ئامالىنى بىلدۈرسىڭىز.
لىغىر لىغىر تىتىرەيدۇ،
بويلىرڭىزغا مەپتۇن كۆزۈم.
قاراپ قاراپ تويمايدۇ،
رۇخسارىڭىزغا شەيدا ئۆزۈم.
Music
كۈلۈپ كۈلۈپ ئىچىلىپسىز،
مىنى مەسىتخۇش ئەيلىدىڭىز.
ئاجايىپ بىر سىھىر بىلەن،
سىھىرلەپلا قەستلىدىڭىز.
قانداق قىلاي قانداق قىلاي،
چىدالمىدىم كۆيدۈردىڭىز.
داۋاسىنى سىزدىن سوراي،
ئامالىنى بىلدۈرسىڭىز.
لىغىر لىغىر ئاھ تىتىرەيدۇ،
بويلىرڭىزغا مەپتۇن كۆزۈم.
قاراپ قاراپ تويمايدۇ،
رۇخسارىڭىزغا شەيدا ئۆزۈم.